- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىزدە تور ئەھلىنىڭ سانى 591 مىليونغا يەتتى
2013.07.19 08:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئىنتېر تورى ئۇچۇر مەركىزى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «32-قېتىملىق جۇڭگو ئىنتېر تورى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكا دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزدە تور ئەھلىنىڭ سانى 591 مىليونغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 26 مىليون 560 مىڭى كۆپەيگەن. يانفون تور ئەھلى 464 مىليونغا يەتكەن، تور ئەھلى ئىچىدە يانفون بىلەن تورغا چىقىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %78.5 كۆپەيگەن. ئىنتېر تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %44.1 بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن ئىككى پوئىنت ئاشقان.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يانفون- تور ئەھلىنىڭ كۆپىيىشىدىكى بىرىنچى مەنبە بولۇپ، ئۇنىڭ تورغا چىقىشتىكى بىرىنچى تېرمىناللىق ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تور ئەھلى ئارىسىدا %70 كىشى يانفون ئارقىلىق تورغا چىققان. تور ئەھلى پايدىلانغان تورغا چىقىش ئۈسكۈنىسى جەھەتتە، يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان تور ئەھلىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %78.5 كۆپەيگەن، ئۈستەل كومپيۇتېرى بىلەن تورغا چىقىدىغانلارنىڭ نىسبىتى سەل ئازايغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە