- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەتە ماي باھاسىنى بېكىتىشنىڭ يېڭى مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھا كۆرۈلۈشى مۇمكىن
2013.07.18 11:34 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: ئامېرىكا نېفىت زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىشى، مىسىر ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش ۋە ھايانكەش فوندنىڭ پاراكەندىچىلىكى نەتىجىسىدە، 7-ئاي كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا نېفىت باھاسى زور ھەجىمدە ئۆستى، بۇنىڭ ئىچىدە نيۇيورك نېفىت باھاسى ٪10كە يېقىن، برېنت نېفىت باھاسى ٪7 ئۆستى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، دۆلىتىمىزدىكى تەييار ماي باھاسىدا ماي باھاسىنى بېكىتىشنىڭ يېڭى مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ھەجىمدە ئۆسۈش كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن، تەييار ماي باھاسى ئەڭ تېز بولغاندا ئەتە (19-چېسلا) سائەت 24تىن باشلاپ تەڭشىلىدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
ئالاقىدار خەۋەرلەر