- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ كۆپۈكلىرى 3-، 4-لىنىيەدىكى شەھەرلەرگە مەركەزلىشىپ قالدى
2013.07.17 16:15 مەنبە: خەلق تورى
«ئىقتىساد پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى شىيەن شەھىرىنىڭ دامېي شېڭچېڭ رايونىغا نۇرغۇنلىغان بىنالارنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى، كوچىغا يېقىن بىر قاتاردىكى نەچچە دۇكاننىڭ بېزەلگەنلىكىنى، لېكىن ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئاساسەن قاپقاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى كۆردى. بىنانىڭ قارشىسىغا جايلاشقان تېبابەت-دورىگەرلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى جىمىن «ئىلگىرى بۇ يەر تاغلىق ئىدى، ئېچىلغىلى ئۇزاق بولمىغان تۇرسا، كىممۇ بۇنداق چەتتىن ئۆي سېتىۋالىدۇ؟ گەرچە ئۆيلەر پۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن بېزىگەن ۋە كۆچۈپ كىرگەنلەر ئىنتايىن ئاز» دېدى.
شىيەن شەھىرىنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرى دۇچ كەلگەن قىيىن ئەھۋال ئايرىم مىسال ئەمەس. 1-، 2-لىنىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ بازارلىرىدا دائىم تاڭ ئاتقۇچە ئۆچرەت تۇرۇپ نومۇر تالىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشى، 3-، 4-لىنيەدىكى شەھەرلەردە كىشىلەر سوراپمۇ قويمايدىغان بىكار ئۆيلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ئۆي-زېمىن بازىرىدىكى بۆلۈنۈشنى خېلىلا ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. ئاۋۋال ئوردوس، ۋېنجوۋلاردا، ئارقىدىنلا جياڭسۇنىڭ ۋۇشى، چاڭجوۋ، لياۋنىڭنىڭ يىڭكوۋ، گەنسۇنىڭ جيۇچۇەن قاتارلىق شەھەرلىرىدە كەينى-كەينىدىن مۇشۇنداق «ئادەمسىز شەھەر»لەر بارلىققا كەلدى.
بۇنىڭغا قارىتا، كەسپىي زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، 3-، 4-لىنىيەدىكى شەھەرلەردە خېرىدار كۈتۈپ ياتقان ئۆيلەرنىڭ ساقلانما مىقدارى ئىزچىل بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ كەلدى، نوپۇسنىڭ سىرتقا ئېقىشى ئارقىسىدا، تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرلىك مالىيە ئاساسلىقى يەر سېتىشقا تايىنىۋاتقان شارائىتتا، يەر سېتىش قىزغىنلىقىنى تىزگىنلەش تەسكە توختايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ئېھتىياج تۆۋەنلەشتىن كېلىپ چىققان رايون خاراكتېرلىك خېيىم-خەتىرىدىن ھوشيار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. (لياڭ چىڭ، شۈ خەيبو خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە