- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار بۈگۈن ئېلان قىلىنىدۇ، GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7.6كە تۆۋەنلىشى مۇمكىن
2013.07.15 16:01 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15-ئىيۇل خەۋىرى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلەتنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم-چىقىمى قاتارلىق ئىقتىسادىي مەلۇماتلارمۇ ئاشكارىلىنىدۇ. تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئومۇمىي ئېھتىياج ئاجىزلىشىشى، كارخانىلارنىڭ ئىسكىلات قالدۇقىنى ئىشلىتىۋېتىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۋاملىق تۆۋەنلىگەن، مۆلچەرلىنىشىچە GDPنىڭ 2-پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتى 1-پەسىلدىكى %7.7تىن %7.6كە تۆۋەنلەيدىكەن. (لى جىنلېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
ئالاقىدار خەۋەرلەر