باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخىرەتلىك خىزمەتلەرنى پۇختا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

2013.07.10 15:02         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سان فرانسىسكو ۋاقتى 6-ئىيۇل سائەت 11:30 مىنۇت ئۆتكەندە، كورىيە-ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 214OZ–قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئامېرىكىدىكى سان فرانسىسكو خەلقئارا ئايرودرومىغا قونغاندا ھادىسە يۈز بەردى. ئايرودرومنىڭ ئۇچۇرىدىن ئايروپىلاندا جۇڭگولۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بارلىقى ئىگىلەنگەندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ سان فرانسىسكودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى مائارىپ گۇرۇپپىسى ۋە ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلىك مائارىپ نازارەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھادىسىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى تېزدىن تەكشۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى.

  تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئايروپىلاندا جەمئىي 70 جۇڭگولۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى بارلىقى ئايدىڭلاشتى. ئۇنىڭ ئىچىدە، جېجياڭ جياڭشەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تۆت ئوقۇتقۇچىسى، 30 ئوقۇغۇچىسى؛ سەنشى تەييۈەن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بەش ئوقۇتقۇچىسى، 17 ئوقۇغۇچىسى؛ تەييۈەن چەتئەل تىلى مەكتىپىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى، 13 ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە: بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئىككىسى جېجياڭ جياڭشەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى جېجياڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ئارقىلىق بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا تەزىيە بىلدۈردى، شۇنداقلا سان فرانسىسكودىكى باش كونسۇلخانىنىڭ مائارىپ گۇرۇپپىسىدىن ھادىسىگە ئۇچرىغان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ھەرخىل ياردەم بېرىشىنى، جېجياڭ، سەنشىدىكى ئۆلكىلىك مائارىپ تارماقلىرىدىن ۋە ئالاقىدار مەكتەپلەردىن تۈرلۈك ئاخىرەتلىك خىزمەتلەرنى پۇختا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.(تامام)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم