باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگولۇق «ھال سورىغۇچى ئاياللار» ۋەكىللىرى ياپونىيە ئىچكى كابېنتىغا ئېتىرازنامە سۇندى

2013.07.05 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، جۇڭگونىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ جىنسىي زورلۇقىغا ئۇچرىغۇچىلار ۋەكىللىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە رەسمىي ئېتىرازنامە سۇندى.

  ئۇلار ئېتىرازنامىدە مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيىدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار ياپونىيە ئوڭ قانات كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، توختىماي تارىخنى بۇرىمىلاپ، ياپون مىللىتارىزىمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش جىنايىتىنى يوق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان باش ۋەزىر ئابېي شىنزو، ئوساكا شەھىرىنىڭ باشلىقى تورۇ خاشىموتو قاتارلىقلار نەچچە قېتىملاپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسىنىڭ جىنسىي زورلۇق جىنايىتىنى بۇرىمىلايدىغان سۆزلەرنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگولۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنى روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتە قايتا نابۇت قىلدى».

  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېشى ئاللىقاچان بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقتىن، 4 نەپەر ۋەكىل ياپونىيىگە بارمىدى، ئېتىرازنامىنى ياپونىيىگە ساياھەت قىلىدىغان جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جۇڭگو ياپونىيە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى لىن بوياۋ سۇندى. ياپونىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ ئومۇمىي ئىشلار ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل خادىمى ئىچىمۇرا ئېتىرازنامىنى تاپشۇرىۋالدى، ھەمدە باش ۋەزىر ئابېي شىنزوغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئېتىرازنامە يەنە يېقىندا ئوساكا شەھىرىنىڭ باشلىقى تورۇ خاشىموتوغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم