- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قىرغۇچى-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان تۇنجى قېتىملىق پاراخوتتىكى ئۇچۇشنى تاماملىدى
2013.07.05 14:35 مەنبە: خەلق تورى
دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە: 3-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاۋىئاماتكىسى لياۋنىڭ پاراخوتى ئالدىن بېكىتىلگەن پەن-تەتقىقات تەجرىبىسى ۋە مەشق تۈرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، قايتىپ چىڭداۋدىكى مەلۇم ھەربىي پورتقا توختىغان. لياۋنىڭ پاراخوتى 9-ئىيۇن دېڭىز سەپىرىگە ماڭغاندىن بۇيان، 25 كۈنلۈك پاراخوت بىلەن ئۈسكۈنىلەرنى ماسلاشتۇرۇش دېڭىز ئۈستى تەجرىبىسى ۋە مەشقىدە، قىرغۇچى-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ كۆپ كىشىلىك، كۆپ ئايروپىلانلىق ئۇدا ئۇچۇش-قونۇش مەشقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قىرغۇچى-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىم پاراخوتتا ئۇچۇپ-قونۇش ۋە تۇنجى قېتىم قىسقا ئارىلىقتا سېرىلىپ ئۇچۇشىنى غەلىبىلىك تاماملىدى، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى پاراخوت كۈرەشچى ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسى ۋە پاراخوتقا قونۇش كوماندىرى ئاۋىئاماتكا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئالدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە