- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش-ئاخىرلىشىش مۇراسىمىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىندى
2013.07.01 16:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن شېنياڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش-ئاخىرلىشىش مۇراسىمىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 16دە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىلگىرىكى چوڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى كەچتە ئۆتكۈزۈش قائىدىسى ئۆزگەرتىلدى، مۇراسىمغا چولپانلار تەكلىپ قىلىنمايدۇ، پوجاڭزا ئېتىلمايدۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئامما باشلىنىش-ئاخىرلىشىش مۇراسىمىنىڭ ئاساسىي مېھمىنى بولىدۇ. باشلىنىش-ئاخىرلىشىش مۇراسىمىغا جەمئىي 9 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنىدۇ، بۇ ئەسلىي پىلاندىكى خىراجەتنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. (سۈن جيەن، خې يۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە