- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پارتىيە ئەزالىرى 85 مىليون 127 مىڭغا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى 4 مىليون 201 مىڭغا يېتىپ، پارتىيەمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشتى
2013.07.01 15:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى پارتىيە ئىچى ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 85 مىليون 127 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2 مىليون 525 مىڭى كۆپەيگەن، ئېشىش نىسبىتى %3.1 بولغان؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 4 مىليون 201 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 175 مىڭ كۆپەيگەن، ئېشىش نىسبىتى %4.3 بولغان. تۈرلۈك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان. (شېڭ رۇۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە