- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتىنىڭ 12 ئەزاسىغا گۇۋاھنامە تارقىتىلدى
2013.06.30 14:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 29-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتىنىڭ 12 ئەزاسىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.
ئەمدىلا يېپىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-سانلىق يىغىنىدا 4-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار تەيىنلەندى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارىمىقىدىكى خىزمەت كومىتېتى، تەركىبىدە 12 كىشى بار، ئىچكىرىدىكى ئالتە ۋە شياڭگاڭدىكى ئالتە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، ۋەزىپە مۇددىتى بەش يىل. 3-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئاياقلاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە