- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەينەن ۋەننىڭدا «قىز ئوقۇغۇچىنى ئېلىپ ياتاق ئاچقان» مەكتەپ مۇدىرى 1-سوتتا 13 يىل 6 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى
2013.06.21 16:00 مەنبە: خەلق تورى
كەڭ دىققەتنى قوزغىغان خەينەن ۋەننىڭدىكى «مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىنى ئېلىپ ياتاق ئېچىش دېلوسى» ۋە ۋەننىڭ شەھەرلىك ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى فېڭ شاۋسۇڭنىڭ قىز ئوقۇغۇچىنى ئېلىپ ياتاق ئېچىش دېلوسى 20-چېسلا خەينەن ئۆلكىلىك 1-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن يېپىق سوتتا قاراپ چىقىلدى ھەمدە نەق مەيداندا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. جاۋابكار چېن زەيپېڭ باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 13 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ھەمدە سىياسىي ھوقۇقىدىن 3 يىل مەھرۇم قىلىندى؛ جاۋابكار فېڭ شاۋسۇڭ باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 11 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن 1 يىل مەھرۇم قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە