- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ۋاڭ ياپىڭ جۇڭگونىڭ تۇنجى «ئالەم بوشلۇقى ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ قالىدىكەن
2013.06.20 09:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شېنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ پىڭ 10 ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى :«ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تۇنجى قېتىم ئالەم بۇشلۇقىدا باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرىس بېرىش ۋە بوشلۇقتا تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىرلىشىش قاتارلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى قىلىدۇ، بۇ خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋەزىپىسىنىڭ بىر يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.»
تونۇشتۇرىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى پائالىيىتى ئارقىلىق ئالەم قاتنىشى بېلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق سىنىقى ئىكەن ۋە شۇ ئارقىلىق مۇشۇنداق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائاللىيەتلىرىنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا بولغان ئىنتىلىشى، ئالەم بوشلۇقى بېلىملىرىنى ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىشىنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋاڭ ياپىڭ جۇڭگونىڭ تۇنجى «ئالەم بوشلۇقى ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ قالىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە