- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭ نوپۇسىدا بولمىغان تولۇق كورس ئوقۇغۇچىلىرى ھەربىيلىككە قاتناشسا بېيجىڭ نوپۇسىغا ئۆتەلەيدىكەن
2013.06.18 14:50 مەنبە: خەلق تورى
پايتەختتىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ھەربىي قوبۇل قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئەسىر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىل ھەربىي قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتى سالمىقىنى كۈچەيتتى. بۇ يىل بېيجىڭ نوپۇسىدا بولمىغان تولۇق كورسنىڭ نۆۋەتتىكى مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى بېيجىڭدا ھەربىيلىككە قاتناشسا، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىپ قالسا بۇلىدىكەن. ئىككى يىل ھەربىيلىككە قاتناشقان تولۇق كورس ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان ئومۇمىي ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى 134 مىڭ يۈەندىن كەم بولمايدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە