- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
2013.06.17 13:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
قىسمەن ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى سۆھبەت يىغىنى 15-ئىيۇن ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت كومىسسارى گو شېڭكۈن يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، بىر تۇتاش پىلانلاشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى بىلەن ئالاقىدار ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ساھەلەر ئىسلاھاتىنى ئورگانىك بىرىكتۈرۈش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم.
گو شېڭكۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. جايلار ۋە تارماقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھات قەدىمىنى تىزلىتىپ، يېڭى بۆسۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش لازىم. ئاممىنىڭ خاھىشىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، شەھەر بازارلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقىچە ئومۇمىيلىشىشىنى تىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە