- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىككى ئىقتىسادىي جىنايەتچى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىندى
2013.06.17 13:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 14-ئىيۇن مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: يېقىندا جۇڭگو ساقچىلىرى مالايسىيە قانۇن ئىجرا تارماقلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ۋە يېقىندىن ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، مالايسىيەگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي جىنايەتچى ۋاڭ جيەنگو، لى يەنسوڭنى ئىلگىرى-كېيىن قولغا چۈشۈرۈپ دۆلەتكە قايتۇرۇپ كەلدى.
ۋاڭ جيەنگو شەندۇڭنىڭ جىنەندىن بولۇپ، جىنەن شىدىڭ ئوقەتچىلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولغان مەزگىلىدە، 2004-يىلى 8-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى كېسىش جىنايىتى سادىر قىلىپ، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇشتىن يەتتە مىليون يۈەندىن كۆپرەك شۈلۈۋالغان. 2005-يىلى 3-ئايدا چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن.
لى يەنسوڭ خېبېينىڭ تاڭشەندىن بولۇپ، 2011-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن 350 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قەرزنى ئالداپ ئېلىۋالغان، 2012-يىلى 12-ئايدا چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە