باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېجياڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېكسپورتى ئازايدى

2013.06.17 13:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خاڭجۇ تاموژنىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى زور كۆلەمدە ئازايغان. بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، تاموژنا ئىستاتىستىكا قىلغان تاشقى سودا نەتىجىسى بار 41 مىڭ 800 ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا ئىچىدە 1500 ىنىڭ ئېكسپورتى ئازايغان.

  مەلۇماتتىن يەنە مۇنۇلار ئايان بولدى: ئوتتۇرا، كىچىك تاشقى سودا كارخانىلىرىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان چوڭ تاشقى سودا كارخانىلىرى ئىچىدە 39 ىنىڭ ئېكسپورتى ئازايغان. تاموژنىنىڭ تەھلىل مۇتەخەسسىسى بۇ-نۆۋەتتىكى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تاشقى سودىسى دۇچ كەلگەن كەسكىن مۇھىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى.

  خاڭجۇ تاموژنىسى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تاشقى ئېھتىياج بازىرىنى كېڭەيتىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چەكلىك، تۈرلۈك تەننەرخلىرىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئېكسپورت رىقابەت كۈچى تۆۋەنلىدى، خەلقئارا سودا قورۇقچىلىقى ئېكسپورت توساقلىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، نۆۋەتتە ئېكسپورت كارخانىلىرى دۇچ كەلگەن كەسكىن ۋەزىيەتنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى بولۇپ قالدى. يېقىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلىمىزنىڭ يورۇقلۇق ۋولت، سىمسىز خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ساھەلەردە قوزغىغان تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش ۋەقەسى قاتتىق غوۋغا قوزغىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى 460 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كۈننۇرلۇق باتارېيە ئېكسپورت قىلىپ، %49.5 ئازايدى، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قىلغان ئېكسپورتى %63 تۆۋەنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە