- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ساماۋى ئوردا 1-نومۇرغا ئوڭۇشلۇق كىردى
2013.06.14 13:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن سائەت 16 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ساماۋى ئوردا 1-نومۇرلۇق نىشانلىق ئۇچقۇنىڭ ئىشىكىنى غەلبىلىك ئاچتى، نې خەيشېڭ، جاڭ شياۋگۇاڭ، ۋاڭ ياپىڭ لەيلىگەن ھالەتتە ساماۋى ئوردا 1-نومۇرلۇق نىشانلىق ئۇچقۇغا كىردى.
تۈنۈگۈن سائەت 13 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە ساماۋى ئوردا 1-نومۇرلۇق نىشانلىق ئۇچقۇ بىلەن خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى غەلبىلىك ئاپتوماتىك جىپسىلاشتى. بىر يۈرۈش تەييارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئوربىتا بۆلىمىگە كىرىپ، بۆلۈم ئىچىدىكى ئالەمدە ئۇچۇش كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمىنى ئالماشتۇردى. يەر يۈزىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى ساماۋى ئوردا 1-نومۇرلۇق نىشانلىق ئۇچقۇنىڭ ئىچكى مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ جەزمىلەشتۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ ئالەمدە ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ساماۋى ئوردا 1-نومۇرغا كىرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. جاڭ شياۋگۇاڭنىڭ ماسلىشىشى بىلەن نې خەيشېڭ ساماۋى ئوردا 1-نومۇرلۇق نىشانلىق ئۇچقۇنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، ئارقىدىن ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى بىر بىرلەپ ساماۋى ئوردا 1-نومۇرلۇق نىشانلىق ئۇچقۇغا كىردى، ئۇلار بۆلمە ئىچىگە ئورنىتىلغان كامېرا ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، ساماۋى ئوردا 1- نومۇر بىلەن خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى ئۇچۇش مەزگىلىدە ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى كۆپ تۈرلۈك بوشلۇق ئىلمى تەجرىبىسى ۋە تېخنىكا تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى بوشلۇق پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تەجرىبە توپلايدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە