- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شيامېندىكى ئاپتوبۇس كۆيۈپ كېتىش ۋەقەسى ئېغىر جىنايى ئىشلار دېلوسى دەپ بېكىتىلدى
2013.06.09 12:46 مەنبە: خەلق تورى
 |
شيامېندىكى ئاپتوبۇس كۆيۈپ كېتىش ۋەقەسىگە قارىتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، سۈرەتتە: يىغىن ئەھلى قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرمەكتە.
|
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن داليەندىن بەرگەن خەۋىرى: 8-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، شيامېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 7-چېسلا شيامېندىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاپتوبۇس يولىنىڭ جىنشەن بېكىتى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن 闽DY7396 نومۇرلۇق كوچا ئاپتوبۇس كۆيۈپ كېتىش ۋەقەسى دەسلەپكى قەدەمدە ئېغىر جىنايى ئىشلار دېلوسى دەپ بېكىتىلدى. ھازىر ئۆلگەنلەر 47 گە يەتتى، يەنە يارىلانغان 34 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا. نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆيدۈرگۈچنىڭ بېنزىن ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، بۇ ئاپتوبۇس دېزىل بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بولغاچقا، بىخەتەرلىك ھادىسىسى ئەمەسلىكىنى جەزملەشكە بولىدۇ. شۇڭا بۇ ۋەقە دەسلەپكى قەدەمدە ئېغىر جىنايى ئىشلار ۋەقەسى دەپ بېكىتىلدى. ج خ ئورۇنلىرى ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 7-چېسلا شيامېندا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇۋېتىش دېلوسىنى پاش قىلدى ۋە جىنايەت گۇماندارى چېن شۈيزۇڭنىڭ نەق مەيداندا كۆيۈپ ئۆلگەنلىكىنى ئېنىقلىدى. (جياڭ شېڭياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە