- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۈگۈن مەملىكىتىمىز بويىچە 9 مىليون 120 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
2013.06.07 11:18 مەنبە: خەلق تورى
20 نەچچە ئۆلكە-بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى يولغا قويدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 2013-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىرتۇتاش ئىمتىھانى 7-، 8-ئىيۇن كۈنلىرى ئېنىلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم ئۆلكىلەردە ئىمتىھان تۈرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئوخشىمىغانلىقتىن، 9-ئىيۇنمۇ ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا جەمئىي 9 مىليون 120 مىڭ ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 30 مىڭ ئوقۇغۇچى ئازايغان. تەخمىنىي ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل دۆلىتىمىزدىكى 20 نەچچە ئۆلكە-بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياقا يۇرتتا ئىمتىھان بېرىشنى يولغا قويغان بولۇپ، تىزىملاتقانلار مىڭغا يەتكەن. (ليۇ جۈنتاۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە