- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەيۋەننىڭ نەنتۇ ناھىيەسىدە 6.7 بال يەر تەۋرىدى
2013.06.03 16:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تور مەركىزى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئىيۇن سائەت 13 تىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، تەيۋەن نەنتۇ ناھىيەسىدە 6.7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 23.9 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 120.9 گىرادۇستا بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى توققۇز كىلومېتىر كېلىدىكەن. ئەمما تەيۋەن ھاۋا رايى تارمىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئايان بولۇشىچە، نەنتۇ ناھىيەسى رېنئەي يېزىسىدا 2-ئىيۇن چۈش سائەت 13 تىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە 6.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى ئون كىلومېتىر كېلىدىكەن. تەيبېي، گاۋشيوڭ، تەيجوڭ قاتارلىق جايلار كۈچلۈك سىلكىنگەن. ھازىر تېخى ئۆلۈم-يېتىم ھەققىدە خەۋەر يوق ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە