- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا 5641 تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى
2013.03.08 15:22 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەكلىپ گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، يىغىننىڭ تەكلىپ تاپشۇرۇش ئاخىرقى مۇددىتى 7-چېسلا سائەت 14كە قەدەر، يىغىندا ئەزالارنىڭ 5641 تەكلىپى تاپشۇرۇۋېلىنغان.
يىغىن تەكلىپ گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شياۋبىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئەزالار بەرگەن تەكلىپىدە مۇھىت ئاسراش، شەھەر-بازارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شەھەر-بازارلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن. (مۇخبىر سۈن تيېشياڭ)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر