- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى
2013.03.06 17:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى 5-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما تېلېۋىزور، رادىيو، تور، يانفون قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق، يىغىن ئەھۋالىنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى، كىشىلەر باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئۈمىدى، يېڭى ئىستەكلىرىنى ئىپادىلىدى. دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئوروزئالى قاشقارباي مۇنداق دېدى: زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگو خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى 1-ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلدۇق ۋە ياخشىلىدۇق دېدى. مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. ئۆتكەن بەش يىلدا شىنجاڭدا ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىمۇ نۇرغۇن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، كىيىنىش، تويۇنۇش، ئۆي جەھەتتە نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئەڭ ياخشى ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىللەرنىڭ بىرى بولدى. ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئەڭ خۇشال بولغىنى شۇكى، تاغلىق رايوننىڭ ئىچكىرىسىدىكى قىرغىز، تاجىك بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى تەس بولۇش، چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىشى تەس بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونى چاڭدۇ ناھىيەسى يۆبا يېزىسى يۆئې كەنتىنىڭ ئاھالىسى جاشى نىما مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش تىلغا ئېلىندى، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەر بولدى. مەن دېھقانلار قىرائەتخانىسىنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكىسىغا ئائىت نۇرغۇن كىتابلار بىلەن تەمىنلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يۈننەن ئۆلكىسى مېڭلا ناھىيەسى مېڭلۈن بازىرى داكالاۋ كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مېڭ جۇمۇ مۇشۇنداق تەسىراتقا كېلىپ، داكالاۋ كەنتى شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ سىياسەتنىڭ ھەقىقىي پايدىسىنى ئېنىق ھېس قىلدى دېدى. ۋېن جياباۋ دوكلاتتا مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش مەسىلىسى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارغا بولغان سېلىنمىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارغا ئائىت سىياسەتلەر بىلەن يېزا كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا كۈچلۈك ئىلھام بېرىش كېرەك.
شەندۇڭ ئۆلكىسى جاڭچيۇ شەھىرى شيۇخۇي بازىرى تەيپىڭ كەنتىدىكى مەملىكەتلىك ئاشلىق سېتىش چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىگىسى جاڭ باۋخۇا مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېرىش تولۇقلىمىسىدىن بۇغداينى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىغىچە، ئۇنىڭدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىغىچە دېھقانلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى. بۇ قېتىم دوكلاتتا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارغا بولغان سېلىنمىنى داۋاملىق كۆپەيتىش تىلغا ئېلىنىپ، بىزگە ئوخشاش ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}