- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىڭ تەييارلىق يىغىنى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى
2013.03.04 17:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-مارت بېيجىڭ خەۋىرى12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىڭ تەييارلىق يىغىنى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپىنى سايلاپ چىقتى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى قارالمىسى ماقۇللاندى.
11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋۇ باڭگو: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 5-مارت ئېچىلىدىغانلىقىنى، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى.
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جەمئىي2987، 3-مارتقىچە يىغىن كاتىبات باشقارمىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ۋەكىل 2975. 4-مارت ئېچىلغان تەييارلىق يىغىنىغا 2882 ۋەكىل قاتناشتى، 105 كىشى قاتنىشالمىدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.
ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى مۇنۇلار: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، 3كە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىش، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بېرىلگەن ھوقۇقنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈش، تۈرلۈك تەكلىپ لايىھەلىرىگە قاراپ چىقىش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يىغىننى دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئېچىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرىتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشقا سەپەرۋەر قىلىش، ھەممە بىر نىيەتكە كېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى غەلبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلات قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارالما قائىدىسى بويىچە، ھەيئەت رىياسىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
تەييارلىق يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ۋەكىللىك زاتلاردىن جەمئىي 178 كىشىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز ۋەكىللەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئازاتلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرى، كارخانا، پەن-تېخنىكا، ئىجتىمائىي پەن، مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، مۇھاجىرلار ۋە دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللەر شۇنداقلا ئىشچى، دېھقان، ئازاتلىق ئارمىيە، قۇراللىق ساقچى قىسىم، ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىللەر، نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بار. لى جيەنگو يىغىننىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلات قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارالما قائىدىسىگە ئاساسەن، ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىغا ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە