باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەق تەلەپ دېلولىرىدا مۇرەككەپ ئاددىيلىرىنى ئايرىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتى

2013.02.13 18:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: ئېلىمىزدە ھەق تەلەپ ئىشلىرى دېلوسى مىقدارى كۆپ، ئېشىش سۈرئىتى تېز بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ ئىشلىرى دېلولىرىدا مۇرەككەپ ئاددىيلىرىنى ئايرىش مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. يېقىندا ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى ئاددىي تەرتىپ بويىچە 1-سوتتا قاراپ چىققان ھەق تەلەپ دېلوسى %67.37 كە ، سوتلاش مۆھلىتى ئىچىدە دېلونى ئاياقلاشتۇرۇش نىسبىتى %98.81كە يەتكەن.

  ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: زور مىقداردىكى دېلولارنى مۇرەككەپ ئاددىيلىرى بويىچە ئايرىپ ئەرز ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە قىسمەن سوت مەھكىمىلىرى 2011-يىلى 4-ئايدا ئاز سوممىلىق تېز كېسىم چىقىرىش سىنىقى خىزمىتىنى باشلىدى. ئاز سوممىلىق تېز كېسىم چىقىرىش سىنىقى ئاددىي دېلو تۇرغۇزۇش، ئاددىي يەتكۈزۈش، ئاددىي سوت ئېچىش قاتارلىق تۈرلۈك خەلققە قولايلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئەرزگە قاتنىشىش تەننەرقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى، تېلېفون، فاكس قاتارلىق جانلىق ئۇسۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى چاقىرىپ، ياراشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەش، شۈ كۈنكى سوتتا كېسىمنى ئېلان قىلىشتەك قاراپ چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەرزنى زور دەرىجىدە قولايلاشتۇرۇپ، ئەرز ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە