- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ مۇخبىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى زىيارەت قىلىۋاتقانداتاياق يېدى، ئون نەچچە ئادەم تېلىكامىرانى تارتىۋالدى
2013.01.11 14:11 مەنبە: خەلق تورى
9-چېسلا كەچتە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ مۇخبىرى جۇڭخۇا مۇھىت ئاسراش بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پىڭجياڭ ناھىيەسىدىكى مىلوجياڭ دەرياسى بويىدىكى بىر قەغەز زاۋۇتىنىڭ بۇلغانما چىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، بىر توپ كىشىلەر ئۇلارنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى ۋە تېلىكامىرانى تارتىۋالدى. مۇخبىر جاۋ شى تېلىكامىرانى قوغداش جەريانىدا بېشى يارىلىنىپ قاناپ كەتتى. مۇخبىر 110 غا تېلېفون ئۇرۇپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ماشىنا بىلەن بەش مىنۇتتىلا يېتىپ كەلگىلى بولىدىغان ساقچىخانىدىكى ساقچىلار بىر سائەتتىن كېيىن يېتىپ كەلدى. تۈنۈگۈن پىڭجياڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بۇ ئىش سەۋەبىدىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ مۇخبىرىدىن يۈزتۇرانە كەچۈرۈم سورىدى. بۇ ئىشقا ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرگە چارە كۆرۈلۈپ، ئۈچ نەپەر ج خ ساقچىسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، ئىككى نەپەر ۋەقە تۇغدۇرغۇچى توختىتىپ قويۇلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە