باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقالارنىڭ قانچىسى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟(2)

2013.01.09 08:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاسپىرانتلىق مائارىپىنىڭ مەقسىتىگە يېتىشى تەس. دوكلاتتىن ئايان بولىشىچە، 2005-يىلى ئاسپىرانتلارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، ماگىستىرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىغا كۆپ يىل بولغان. ھەتتا ماگىستىرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تولۇق كورۇستىكىلەرگە يەتمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن. ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش مەزگىلىدە، بەزى ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ پۇختا بىلىملەرنى ئۆگىنەلمەيدۇ، ئەكسىچە مەقسىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈمىدى كۈچىيىپ كېتىپ، چوڭنى قىلالمايدىغان، كىچىكنى ياراتمايدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ. بەزى مەكتەپلەردىكى ئاسپىرانتلىق كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى بىلەن بىر قەدەر چوڭ پەرقى بار، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولۇش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت.

  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: كۆپ يىل داۋاملاشقان ئاسپىرانت قىزغىنلىقى ئالدىدا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشتىكى مۇددىئاسىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلارمۇ نۆۋەتتىكى ئاسپىرانت مائارىپى قېلىپىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشى، پۈتۈن جەمئىيەت ئاسپىرانتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشى كېرەك.

  بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توغرا ئۆگىنىش قارىشى، كەسىپ تاللاش قارىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا يېتەكلىشىمىز، ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن تەتقىق قىلىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئارىسىدا، ئاسپىرانت مائارىپىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قايتا ئورۇن بېكىتىشىمىز، پۈتۈن جەمئىيەت ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئوقۇش تارىخى ئېشىكى، جىنس ئېشىكى، داڭلىق مەكتەپ ئېشىكى قاتارلىق تۈرلۈك خادىم قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەقىقىي ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپىرانتلار ھەم پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن كۆپ يىل داۋاملاشقان ئاسپىرانت قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ، پەيدىن-پەي ئاقىلانە ئىزغا چۈشىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە