- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


1-فېۋرالدىن باشلاپ قىسمەن دورا باھاسى تەڭشىلىدۇ
2013.01.09 08:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 1-فېۋرالدىن باشلاپ نەپەسلىنىش، قىزىتما ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، مەخسۇس بۆلۈملەرنىڭ ئالاھىدە ئىشلىتىدىغان دورىسى قاتارلىق دورىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش چېكى باھاسىغا چېتىشلىق 20 تۈرلۈك دورا، 400دىن ئارتۇق تۈرنى تەڭشەيدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %15 چۈشۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە باھاسى يۇقىرى دورىلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20 چۈشۈرۈلىدۇ. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسى دورا باھاسى باشقارمىسىدىن سۇڭ داسەي مۇنداق دېدى: پات ئارىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدىغان بۇ بىر تۈركۈم خىميىۋى دورىلار- پۈتكۈل دورا باھاسىنى تەڭشىگەندىن كېيىنكى ئاخىرىقى بىر تۈركۈم بولۇپ، بۇ بىر تۈركۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىمىيىۋى دورىلارنى مەركەزلىك تەڭشەش دەسلەپكى قەدەمدە ئاياقلىشىدۇ.
بۇ قېتىم دۆلەت باھاسى يۇقىرى دورىلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باھاسى تۆۋەن دورىلارنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، باھاسى تۆۋەن دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش تەمىنلەشكە مەدەت بېرىپ، كلىنىكا ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. 2013-يىلدىن باشلاپ، دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى تەييار دورىلىرىنىڭ باھاسىنى تەدرىجىي تەڭشەيدۇ. سۇڭ داسەي مۇنداق دېدى: تەڭشەش داۋامىدا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى تەييار دورىلىرىغا بولغان تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو تېبابىتى تەييار دورىسى باھاسىنى تەڭشەشتە باھا چۈشۈرۈپلا قالماستىن يەنە بىر قىسىم كلىنىكا ئېھتىياجىغا قارىتا، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر كۆپ تۈرلەردە تەننەرقىنى نازارەت قىلىش ۋە بازار تەكشۈرۈش ئاساسىدا باھانى مۇۋاپىق ئۆستۈرىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە