- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مىللىي رايونلاردا كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قورۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرلەش بولدى
2013.01.07 15:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۇرالغۇ ئۆيگە كاپالەتلىك قىلىش ــ تۆۋەن كىرىملىك قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، تۇرالغۇ ئۆي سۈپىتى ۋە تۇرالغۇ ئۆي سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى زور تەدبىر ۋە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2012-يىلى ئېلىمىزنىڭ مىللىي رايونلىرىدا كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرلەش بولدى.
2012-يىلى دۆلەت ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرز پۇلىدىن پايدىلىنىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتىكى 4 سىناق تۈرىنى تەستىقلىدى، جەمئىي تەستىقلانغان تۈردىكى قەرز پۇل 600 مىليون يۈەنگە يەتتى، يىل ئاخىرىغىچە ئىچكى موڭغۇل تۈرلۈك كاپالەتلىك ئۆيدىن 291 مىڭنى يېڭىدىن سېلىشقا باشلاپ، دۆلەت چۈشۈرگەن نىشان ۋەزىپىنىڭ 13مىڭ يۈرۈشىنى تاماملاپ، 138 مىڭ يۈرۈشىنى ئاساسەن پۈتتۈردى. نەچچە ئونمىڭ ئاھالە يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىل تۈرلۈك شەھەر بازارلاردا كاپالەتلىك ئۆي سېلىش ۋەزىپىسى 295 مىڭ يۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدىن 77مىڭ يۈرۈش، ئاممىۋىي ئىجارىلىك ئۆيدىن 54 مىڭ يۈرۈش، ئەرزان باھالىق ئۆيدىن 7مىڭ يۈرۈش، باھاسىغا چەك قويۇلغان تاۋار ئۆيدىن 5 مىڭ يۈرۈش، شەھەر بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىرىدە ئۆزگەرتىلگەن ئۆيدىن 85 مىڭ يۈرۈش، دۆلەت ئىلكىدىكى سانائەت كان رايونلىرىدىكى كەپىلىك مەھەللىلەردە ئۆزگەرتىلگەن ئۆيدىن 9 مىڭ يۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەردىن ئۆزگەرتىلگەن ئۆيدىن 19 مىڭ يۈرۈش بار، شىنجاڭنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويۇش لايىھەسى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەستىقلاندى ھەمدە ئىش باشلاندى، 30-نويابىردىن بۇرۇن %70 دىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى.
2012-يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئومۇمىي كۆلىمى 120 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق 2 مىڭ يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي سېلىشنى، يەنە ئوبوروت ئۆيدىن5700 يۈرۈش سېلىشنى پىلانلىدى، نۆۋەتتە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تولۇقلىما مەبلىغى ئاساسەن ئەمەلىيلەشتى، يېقىندا قۇرۇلۇش پىلانى ۋە مەبلەغ چۈشۈرۈلۈپ، ئىش باشلاش قۇرۇلۇشى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، بۇ يىل شىزاڭدا ئاممىۋىي ئىجارىلىك ئۆيدىن 1200 يۈرۈش سېلىندى، شەھەر بازار ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى سانائەت كان كارخانىلىرى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە شىزاڭ شەھەرلەردىكى كەپىلىك مەھەللىلەردە 2985 يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىش، دۆلەت ئىلكىدىكى سانائەت كان كەپىلىك مەھەللىلىرىدە938 يۈرۈش ئۆي ۋە ئورمانچىلىق كەپىلىك مەھەللىرىدە 801 يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە