- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چارۋا مال ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ 12- بەش يىللىق پىلانى ئېلان قىلىندى
2013.01.07 08:36
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ «مەملىكەتلىك چارۋا مال ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەشنىڭ 12- بەش يىللىق پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى. پىلانغا ئاساسەن، 12- بەش يىلدا نۇقتىلىق تىزگىنلەش بىرلىكى باقمىچىلىق مەيدانلىرى ۋە رايونلىرىنى، بۇلغىنىش ئېغىر بولغان باقمىچىلىق مەركەزلەشكەن رايونلارنى كۆلەملەشتۈرۈش. نۇقتىلىق رايونلار بولسا باقمىچىلىق ئومۇمىي مىقدارى كۆپ، بۇلغىنىش ئېغىر، دۆلەتنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ۋادىلار ۋە رايونلار.
پىلاندىكى نىشان تۆۋەندىكىچە، 2015-يىلىغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى چارۋا مال ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى ئاساسى جەھەتتىن ئىگىلەش. چارۋا مال ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش قانۇن بەلگىلىمە ئۆلچەم سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈش. چارۋا مال ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدا مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش جەھەتتە پەن تېخنىكا مەدىتى ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش. چارۋا مال ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدا كېرەكسىز ماددىلاردىن ئۇنۋېرىسال پايدىلىنىش ۋە بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان چارۋا مال ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى گەۋدىلىك بۇلغىنىش مەسىلىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش. مەملىكەت بويىچە چارۋا مال ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى ئوكسىگېن، ئاممىياك قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 2010-يىلىدىكىدىن %8 دىن %10 گىچە ئازايتىش.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە