- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جەي جېنفېڭ ئائىلىسىنىڭ قوش نوپۇسى بىكار قىلىندى، دېلوغا چېتىشلىق ساقچى نەزەربەند قىلىندى
مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىندى
2013.01.06 14:42 مەنبە: خەلق تورى
جېڭجوۋ شەھرى سۇڭشەن يولى ساقچىخانىسى جەي جېنفېڭ ئائىلىسىدىكى سەككىز نوپۇس ئىچىدە تۆت نوپۇسنىڭ ئۇچۇرلىرى راست ئىكەنلىكىنى دەللىلىگەنىدى. نۆۋەتتە، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر قالغان تۆت نوپۇسنىڭمۇ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ بەردى ھەمدە جەي جېنفېڭ ئائىلىسىدىكى تۆت نوپۇسنىڭ يەنە شياڭچېڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نەنگۇەن ساقچىخانىسىدىمۇ يەنە ئايرىم بىر يۈرۈش ئۇچۇرلىرى بارلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، جەي جېنفېڭ دەل مۇشۇ نوپۇس ئۇچۇرلىرىغا تاينىپ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكى ۋە ئۆي-بىساتلىرىنى يوشۇرغان، جەي جېنفڭ ئائىلىسى 29 يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان، ئەمما ئۇنىڭ جېڭجوۋ شەھرى سۇڭشەن يولى ساقچىخانىسىدىكى نوپۇسى نامىدا بىرمۇ ئۆي يوق ئىكەن.
شياڭچېڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى جاڭ يافېي مۇنداق دېدى: ھازىر ئالدى بىلەن نوپۇس ساقچىسى جاڭ شىنشېڭغا نەزەربەند قىلىش چارىسى قوللاندۇق، ئۇ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، جەي جېنفېڭنىڭ چۆپقىتى ۋاڭ فېڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قاماپ قويۇلدى، جەي جېنفېڭ ئائىلىسى نامىدىكى تۆت نوپۇس قانۇن بويىچە بىكار قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە