باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەممىباب جامائەت قاتنىشى كارتىسىنى باشقا جايدىمۇ كارتىلاشتىن ئۈمىد بار

2013.01.06 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، «گوۋۇيۈەننىڭ شەھەرلەردە جامائەت قاتنىشىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» 5-چېسلا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىندى.

  يېتەكچى پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: جامائەت قاتنىشىنىڭ يول ھوقۇقىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. شەھەرنىڭ يول بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش، ئايرۇدوروم نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى ۋە نۆۋەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئاممىۋى قاتناش يولىدىن ئەۋزەل پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شەھەرلەردە ھەممىباب جامائەت قاتنىشى كارتىسى ئەتراپلىق ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ۋە قوللىنىپ، ئۇنىڭ شەھەرلەردىكى ئوخشىمىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىدە ئىشلىتىلىشى تېز ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئۆلچەم سىستېمىسى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەممىباب جامائەت قاتنىشى كارتىسىنى شەھەر، رايون ئاتلاپ ئىشلىتىش پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. تاكسى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپ، تېلېفوندا تاكسى چاقىرىش مۇلازىمىتى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشى قولايلىقلاشتۇرۇلىدۇ ۋە قۇرۇق يۈرۈش ئازايتىلىدۇ. (مۇخبىر ۋۇ يەن)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە