باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تىجارەت بېجى ئېلىشنى كۆپەيمە قىممەت بېجى ئېلىشقا ئۆزگەرتىش ئىسلاھات سىنىقى يەنە كېڭەيتىلىدۇ

2013.01.05 14:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىجارەت بېجى ئېلىشنى كۆپەيمە قىممەت بېجى ئېلىشقا ئۆزگەرتىش ئىسلاھات سىنىقىنىڭ باشلانغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگونىڭ باج ئىسلاھاتى تارىخىدىكى تەسىرنى كېڭەيتىش تەدبىرى يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ كۆپ رايون ۋە تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەردە سىناق قىلىنىدۇ. تەدرىجىي كۆرۈلگەن ئىسلاھات ئۈنۈمىمۇ مەركەزنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق 2013-يىللىق قۇرۇلما خاراكتېرلىك باجنى ئازايتىش تەدبىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئالدىنقى تاللاش بولىدۇ.

  مالىيە مىنىستىرى شى شۇرېن يېقىندا مۇنداق دېدى: 2013-يىلى تىجارەت بېجى ئىسلاھاتىنى كۆپەيمە قىممەت بېجى ئېلىشقا ئۆزگەرتىش سىنىقى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، قاتناش تىرانسپورت ۋە قىسمەن زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى مەملىكەت بويىچە سىناق قىلىش لايىھەسى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىنماقتا، پوچتا، خەۋەرلىشىش، تۆمۈر يول تىرانسپورتى، بىناكارلىق، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر مۇۋاپىق ۋاقىتتا سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شاۋ جې مۇنداق دېدى: 2013-يىلى تىجارەت بېجى ئىسلاھاتىنى كۆپەيمە قىممەت بېجى ئېلىشقا ئۆزگەرتىش سىناق دائىرىسى كېڭەيتىشنى چىڭ تۇتقان ھالدا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە