باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

116 تېز يوللانما شىركىتىنىڭ ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2013.01.05 14:00        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى بەزى تېز يوللانما كارخانىلىرىدا يۈز بەرگەن ئىچكى ھۆججەت يىتۈپ كېتىش، ياۋايىلارچە ئايرىش، مۇشتۇمزور ماددىنى يولغا قويۇش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قارىتا ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىلىرىدىن تېز يوللاش مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى، 2012-يىلى نازارەت باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە 116 كارخانىنىڭ تېز يوللانما كەسپىي تىجارەت كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق تېز يوللانما شىركەتلىرىگە قوشۇلغان كارخانىلارمۇ بار.

  دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز شىكايەتلىرى ئىچىدە تېز يوللانمىنى كېچىكتۈرۈش، يىتتۈرۈۋېتىش، بۇزۇۋېتىش، تېز يوللانمىنى يىغىش ۋە ئاپىرىش مۇلازىمىتى قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك ئەھۋاللار ۋە تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان تىپىك دېلولارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ئىجازەتنى ئۆزگەرتىش، يىللىق دوكلات قىلىش، بازاردىن چېكىندۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىجازەت شەرتىگە داۋاملىق توشمىغان، تېز يوللاش مۇلازىمىتى ناچار، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن تېز يوللانما كارخانىلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە