- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى بېرىش سىياسىتىنى سەل تەڭشىدى
2-يۈرۈش ئۆيگە قەرز بېرىشنى رەت قىلىش ئۆلچىمى 0.59 كۋادىرات مېتىر ئۆستى
2013.01.05 13:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھرى بۈگۈندىن باشلاپ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى بېرىلىدىغان «2-يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي»نىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قۇرۇلۇش كۆلىمىنى تەڭشىدى.
بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: 2-يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالماقچى بولسا قەرز بېرىشكە بولىدىغان ئوبيېكتلار پەقەت تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان، ھازىرقى تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قۇرۇلۇش كۆلىمى 29.4 كۋادىرات مېتىر (بۇنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىن تۆۋەن بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئائىلىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بېيجىڭدا 2011-يىلى ئەسلىدىكى تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ كۆلىمى 28.81 كۋادىرات مېتىر ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى بولغانلارنىڭ 2-يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىش ئىلتىماسى رەت قىلىنىدىغان ئۆلچەم ئىجرا قىلىنغانىدى. پۈتۈن شەھەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ كۆلىمىنىڭ ئاشقانلىقى بۇ يىل ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلچەمدە سەل-پەل ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولدى (مۇخبىر ۋېي ۋېي).
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە