- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جېڭجوۋ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى جەي جېنفېڭ ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماقچى
2013.01.05 13:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-يانۋار جېڭجوۋدىن بەرگەن خەۋىرى، جېڭجوۋ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى 4-چېسلا جېڭجوۋ شەھىرى 27-رايونلۇق ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى جەي جېنفېڭ ئۈستىدىن رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلدى. نۆۋەتتە، جېڭجوۋ شەھرى27-رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، پىلان كومىتېتى ۋە ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جەي جېنفېڭ ئائىلىسىنىڭ نامىدا 29 يۈرۈش ئۆي بارلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇئەييەنلەشتۈردى.
جېڭجوۋ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق قارىغان، جېڭجوۋ شەھرى27-رايونىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ 2011-يىلدىكى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ئاساسىدا، يېقىندا تاراتقۇلار ئىنكاس قىلغان جەي جېنفېڭنىڭ يېڭى مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، جەي جېنفېڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە دېلو تۇرغۇزۇش شەرتى ھازىرلاندى. (مۇخبىر چىن ياجوۋ، ليۇ جىنخۇي).
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە