باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2013.01.05 09:38        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشۋىقات ئىدىيە مەدەنىيەت سېپىدە دىڭ شاۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئومۇملۇقنى چۆرىدەش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىش ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش لىنىيە قىلىپ، ئومۇملۇق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۇختا باشلاپ، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، تەشۋىقات ئىدىيە مەدەنىيەت خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك مەنىۋى مەدەنىيەت كۈچى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى تەشۋىقات ئىدىيە مەدەنىيەت خىزمىتىگە يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەشۋىقىي تەلىم-تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن جەمئىيەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئۆزىگە ئېشىنىش، نەزەرىيەدە ئۆزىگە ئېشىنىش، تۈزۈمدە ئۆزىگە ئىشنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش كېرەك. ئاكتىپ ساغلام ئالغا ئىلگىرلەش ئاساسى ئېقىم نەزەرىيە جامائەت پىكىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى ياخشى نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساداسىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە، ئومۇمىي پىلاننى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ ئىلمىيلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ ئىلمىي تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈكسەك غايە ئىنتىلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇلۇغ مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى نۇرىلاندۇرۇپ، مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت ئەخلاق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشۋىقات ئىدىيە مەدەنىيەت سېپىدە پارتىيە 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىش ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش لىنىيە قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك يىتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. باش سىياسىي ۋەزىپىنى مەھكەم چىڭ ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىش ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەشۋىقىي تەلىم-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئۆزىگە ئېشىنىش، نەزەرىيەدە ئۆزىگە ئېشىنىش، تۈزۈمدە ئۆزىگە ئىشنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچىلىكى، تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش؛ يادرولۇق قىممەت قارشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادى يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە