- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو ساياھەت ئۆمىكىنىڭ 19 ئەزاسى كورېيەدە يوقاپ كەتتى، ھەممىسى سەنشىلىك ئەرلەر ئىكەن
2013.01.04 15:30 مەنبە: خەلق تورى
كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرى، كورېيە قانۇن مىنىستىرلىقىنىڭ 3-چېسىلا كۆرسىتىشىچە، جۇڭگونىڭ 19 كىشىلىك بىر ساياھەت ئۆمىكى ئۆتكەن ئاينىڭ 28-كۈنى داليەندىن خەلقئارا يولۇچىلار پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ، 29-چېسىلا چۈشتىن بۇرۇن رېنچۇەن پورتىغا يېتىپ بارغان. مەزكۇر ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى رېنچۇەن شەھىرىدە بىر كىچىك مېھمانخانىدا بىر كېچە قونغاندىن كېيىن، ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن ھەممىسى غايىپ بولغان. يېتەكچىلىككە مەسئۇل بولغان چاۋشيەنزۇ ساياھەت يېتەكچىسى ئەھۋالنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. نۆۋەتتە، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورنى ئىزدەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا.
مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ 19 نەپەر ساياھەتچىنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ سەنشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن خەنزۇ ئەرلەر بولۇپ، تۇنجى قېتىم كورېيەگە كېلىشى ئىكەن، قولىدىكى ۋىزا بىلەن كورېيەدە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 15 كۈن تۇرالايدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە