- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كۆپلىگەن تارماقلار ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ ئۆي، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىقلارغا چېتىلغان خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى
2013.01.04 14:20 مەنبە: خەلق تورى
مۇخبىرنىڭ 3-چېسلا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت باج باش ئىدارىسى قاتارلىقلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ تارماقلار يېقىندا 2013-يىللىق خىزمەت نىشانىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويغان، خەلق تۇرمۇشىغا تاقىلىدىغان بىر تۈركۈم يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان.
2013-يىلى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدا يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلىكتە يولغا قويۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن، شەھەر-يېزىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئۇلاش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنى ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جياڭ ۋېيشىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر قايسى شەھەردە تەڭشەش-تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇش سەۋەبىدىن ئۆي باھاسى تېز ئۆرلەپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى رىۋىزىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە شۇ شەھەر بىلەن سۆزلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرىدىكەن.
نۆۋەتتە، تۆۋەن كاپالەت تۈزۈمىنى يادرو قىلغان يېڭىچە ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئاساسەن شەكىللەندى. 2013-يىلى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ياشانغانلار قوشۇمچە ياردەم پۇلى ۋە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنىڭ ئاساسەن قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش سۇغۇرتا تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە