باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى دەم ئېلىش مەزگىلىدە بېيجىڭ 1 مىليون 530 مىڭ ئادەم قېتىم جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ساياھەتچى كۈتۈۋالدى

2013.01.04 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى يېڭى يىل مەزگىلىدە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، ئەمما مەملىكەت ئىچىدە ساياھەتچىلەرنىڭ بېيجىڭغا ساياھەتكە كېلىش قىزغىنلىقى يەنىلا زور بولدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ساياھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، يېڭى يىلدىكى ئۈچ كۈن دەم ئېلىشتا بېيجىڭ شەھىرى 1 مىليون 530 مىڭ ئادەم قېتىم جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ساياھەتچى كۈتۈۋالغان، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 920 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئاشقان.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ساياھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، يېڭى يىل دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەت ئىچىدە بېيجىڭغا ساياھەتكە كېلىش بازىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان. 1-يانۋاردىن 3-يانۋارغىچە بېيجىڭ شەھىرى 1 مىليون 530 مىڭ ئادەم قېتىم جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ساياھەتچى كۈتۈۋالغان، بۇ ئۆتكەن يىلقى يېڭى يىل دەم ئېلىش مەزگىلىدىن %11.1 ئاشقان، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ئىستېمالى 783 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.9 ئاشقان. قاتناش تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 31-دېكابىردىن 2-يانۋارغىچە بېيجىڭ تۆمۈر يول قاتنىشىدا پويىزدىن چۈشكەن يولۇچى ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 24.8% ئاشقان، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە يېتىپ كەلگەن يولۇچى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 1 ئاشقان.

  يېڭى يىل دەم ئېلىش مەزگىلىدە بېيجىڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر قەدەر تۆۋەن بولدى. كىشىلەر دالىدا ھەرىكەت قىلىشنى ئازايتتى. بېيجىڭدىكى باغچا قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى ئۆتكەن يىلقىدىن ئومۇميۈزلۈك ئازايدى، ئۆي ئىچى پائالىيىتى ئاساس قىلىنغان موزىيى ۋە ئارىشاڭ ئىستىراھەت مېھمانخانىلىرى دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى يېڭى تاللاشقا ئايلاندى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يېڭى يىلدىكى ئۈچ كۈن دەم ئېلىشتا بېيجىڭ شەھىرىدىكى موزىي قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە