
- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى: يېڭى يىل دەم ئېلىشىدا قاتناش بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى
2013.01.04 09:40
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 1-يانۋاردىن 3-يانۋار سائەت 18 گە قەدەر، مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە زور تاشيول قاتنىشى ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن، ئۇزاق ۋاقىت، ئۇزۇن ئارىلىقتا قاتناش توسىلىش بولمىغان، قاتناش بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى مۇقىم، تاشيول تەرتىپى ياخشى بولغان.
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مەزگىلدە مەملىكەت بويىچە ئۆلۈم يېتىم بولغان تاشيول قاتناش ۋەقەسىدىن 1204 ى يۈز بېرىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئازايدى. قاتناشتا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار زور دەرىجىدە ئازايدى، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش ۋەقەسىدىن 124 قېتىم يۈز بېرىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %72 ئازايدى؛ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ۋە نومۇر تاختىسىغا چېتىشلىق قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپ ھەرىكەتتىن 7822 ى يۈز بېرىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53 ى ئازايدى.
بۇ مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى قاتناش قائىدىسى دەل يېڭى يىل دەم ئېلىش مەزگىلىدە يولغا قويۇلدى، بۇ مەزگىلدە يولغا چىقىدىغانلار كۆپ بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالى رايوندا تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەن بولدى، خۇنەن، خۇبېي، جياڭسۇ، شەنشى قاتارلىق جايلاردا قار يېغىپ بىخەتەر يولغا چىقىشقا تەسىر كۆرسەتتى، يولغا چىققان ئامما ۋە شوپۇرلار ئاڭلىقلىق بىلەن يېڭى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىپ، بىخەتەرلىك قائىدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ماشىنا ھەيدەشنى ئاڭلىقلىق بىلەن قېلىپلاشتۇرۇپ، قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
eamil: uyghur@people.cn 010- 6536 8367/ 65
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved