2012-يىلى 27-دىكابىر، مۇخبىرنىڭ سىچۇەن مېيشەن شەھىرى رېنشوۋ ناھىيەسى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بىر ئاپتوبوس بىلەن يۈك ماشىنىسى سوقۇلۇپ كەتكەن. ھازىرغىچە يەتتە ئادەم قازا قىلىپ، 14 ئادەم يارىلانغان.
رېنشوۋ ناھىيەسى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شۇ كۈنى سائەت 10:40 مىنۇت ئۆتكەندە، رېنشوۋ ناھىيە چېگرىسى دۆلەت 213-لىنىيەسىنىڭ 1070 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە، 18 ئادەم ئولتۇرغان ئاپتوبوس بىلەن بىر يۈك ماشىنىسى سوقۇلۇپ كېتىپ، نەق مەيداندا بەش ئادەم قازا قىلغان، 2 يارىدار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىش يولىدا قازا قىلغان، باشقا 14 كىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان. نۆۋەتتە، 14 يارىدارنىڭ ھەممىسى رېنشوۋ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ، جۇڭگو تىبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى ۋە سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇلىۋاتىدۇ. ۋەقە سەۋەبى داۋاملىق ئېنىقلانماقتا.