باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىش پەسلى ۋە ئىككى بايرام مەزگىلىدە ئالاھىدە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىنىدۇ

2012.12.27 18:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى 26-دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قىش پەسلى ۋە 2013-يىلى يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە قەتئىي توسۇشنى تەلەپ قىلدى.

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قىش پەسلى ۋە بايرام مەزگىلىدىكى قاتناش تىرانسپورتى، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. جايلار قىش پەسلىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكىنى چوڭ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ناچار ھاۋا رايىدا زور تاشيول قاتنىشى ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى، قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىرىغا كەسكىن ھالدا باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئالدىنئالا تارماقلارغا بۆلۈپ تارقاقلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېگىز ئىمارەت ۋە ئادەم توپلاشقان سورۇنلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چوڭ تىپتىكى يىغىلىش، توپلىشىپ پوجاڭزا ئېتىش قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى تەستىقلاشنى كۈچەيتىش، ئوت ئاپىتى ۋە قىستاڭچىلىق، دەسسىلىش قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى جىددىي نۆۋەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتتىن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، جايلاردىن جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەشىقنى، جىددىي نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە