باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ

2010-يىلى ئوتتۇرىچە كۆزلەنمە ئۆمۈر يېشى 74.8 ياشقا يەتتى

2012.12.27 17:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بۈگۈن «جۇڭگونىڭ داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش ئىشلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. سەھىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىر جاڭ ماۋ تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، 2010-يىلى جۇڭگولۇنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلەنمە ئۆمۈر يېشى 74.8 ياشقا يەتتى، 2011-يىلى ھامىلدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 100 مىڭدە 26.1گە، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰12.1گە، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰15.6گە چۈشتى، ئاھالىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  2009-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان بۇ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ داۋالاش كاپالەت تورى قۇرۇلدى، ئاساسىي دورا تۈزۈمى ئاساسىي قاتلامنى تولۇق قاپلىدى، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى. (ۋاڭ جۈنپىڭ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە