باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى پراۋا بەلگىلىمىسى بويىچە يېڭى يىل كۈنى 11 تۈرلۈك خىلاپلىق قىلمىشقا بىر قېتىمدا 12 نومۇر تۇتۇلىدۇ

2012.12.27 17:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. بىر يىل ئىچىدە نومۇرى تۇتۇلمىغان چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك ماشىنىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ شۇ يىللىق تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ بارماسلىققا بولىدۇ؛ ھەيدىگۈچى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىغان بولسا، بىر قېتىمدا ئىككى نومۇر تۇتۇلىدۇ، ئۈچ يىل ئىچىدە ھاراق ئىچىپ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ ماشىنا ھەيدەشكە ئوخشاش قىلمىشلىرى بولغانلار، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ...

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىمچە، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» 2013-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. بەلگىلىمىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانى، ئادەتتە ھەيدەش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش ۋە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلمىشلاردىن نومۇر تۇتۇش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلار ئۆزگەرتىلىپتۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە