خەلق تورىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 26-دېكابىر، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئادەمسىز تىك ئۇچار ئايروپىلان V750 شەندۇڭ ۋېيفاڭنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز بويىدا تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلدى. شۇ كۈنى، شەندۇڭ ۋېيفاڭ تيەنشياڭ ئاۋىئاتسىيە سانائەت چەكلىك شىركىتى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن V750 تىپلىق ئادەمسىز تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋېيفاڭنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز بويى رايونىدا تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، V750 تىپلىق ئادەمسىز تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 757 كىلوگرام. كۆتۈرۈشچانلىقى 80 كىلوگرامدىن ئارتۇق، ئەڭ تېز سائەتلىك ئۇچۇش سۈرئىتى 161 كىلومېتىرغا، ئەڭ يىراق ئۇچۇش مۇسابىقىسى 500 كىلومېتىرغا، ئەڭ يۇقىرى ئۆرلەش ئېگىزلىكى 3000 مېتىرغا، ئۇدا ئۇچۇش ۋاقتى 4 سائەتكە يېتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئادەمسىز تىك ئۇچار ئايروپىلان ھېساپلىنىدىكەن. بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان گىئولوگىيەلىك ئاپەتنى تەكشۈرۈش، ئورمانلىقتىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، دېڭىز-ئوكياننى يىراقتىن تەكشۈرۈش، شەھەر پىلانلاش، ئېلېكتىر قۇۋىتىنى نازارەت قىلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق ئېھتىياجنى ناھايىتى ياخشى قاندۇرالايدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى