باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى 6 مىليون يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، 5 مىليون 500 مىڭ يۈرۈشى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتۈرۈلىدۇ

2012.12.26 18:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىر مەملىكەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 7 مىليون 700 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە كەپىلىكلەرنى ئۆزگەرتىش تۇرالغۇسىدا ئىش باشلىنىپ، 5 مىليون 500 مىڭ يۈرۈشى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتۈرۈلدى، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپە نىشانى ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى. كېلەر يىلى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، 4 مىليون 600 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتۈرۈش، 6 مىليون يۈرۈش تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش، يېزىلاردىكى 3 مىليون يۈرۈش خەتەرلىك ئۆينى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى بېكىتىلدى.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەن كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن كۆپ قىسىم ئۆلكە-شەھەرلەر بىلەن كېلەر يىللىق كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىدى.(ۋاڭ ۋېي خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە