- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپونىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى
2012.12.26 18:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كىتە ماساخىتو بۈگۈن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
ئەلچىخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كىتە ماساخىتو قىسقا سۆز قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى ۋەزىپىسى قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگودىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ، ياپونىيەنىڭ دوسلۇقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(جيا ۋېنتىڭ، جېڭ چىڭتىڭ خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە