- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013-يىللىق جۇڭگودا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 100ئالىي مەكتەپنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، بېيجىڭ، چىڭخۇا، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتلىرى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى
2012.12.26 13:50 مەنبە: خەلق تورى
2012-يىلى 20-دىكابىر، جۇڭگو مەكتەپداشلار تورى ئەڭ يېڭى «2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ باھا تەتقىقات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. بۇ جۇڭگودىكى مەكتەپداشلار ئۇيۇشمىسى تورى ئالىي مەكتەپ تەتقىقات كوللېكتىپى تارقاتقان 11-قېتىملىق جۇڭگودىكى ئۇنىۋېرىستىتلارنىڭ رەت تەرتىپى تېزىملىكى، دوكلاتتا 2013-يىللىق جۇڭگودىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يۈز كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ ۋە 2013-يىللىق جۇڭگودىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر تېزىملىكى ئېلان قىلىندى. تىزىملىكتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى 1-ئورۇندا تۇرۇپ، ئۇدا ئالتە يىل 1-لىكنى ساقلاپ كەلدى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتى 2-ئورۇندا، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى 3-ئورۇندا، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتىتى 4-ئورۇندا، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتىتى 5-ئورۇندا تۇردى. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، 2012-يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئۇنىۋېرسىتىتى كۆرسەتكۈچ سانى سەۋەبىدىن 2013-يىللىق جۇڭگودىكى يۈز كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن 2013-يىللىق جۇڭگودىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ ئەڭ يىڭى تېزىملىكىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئونۋېرستىتى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتى، شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى، تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق ئىككى قىرغاقتىكى تۆت ئۇنىۋېرسىتىت بىلەن بىر قاتاردا جۇڭگودىكى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئۇنىۋېرسىتىتلار تىزىملىكىگە كىردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە