باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ ئورگانلىرى بالا ئالداپ سېتىش شايكىسىدىن توققۇزنى بىتچىت قىلدى

2012.12.25 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى ئارقىسىدا، فۇجيەن، سىچۈەن، يۈننەن، ئەنخۇي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق توققۇز ئۆلكىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يېقىندا مەركەزلىك قولغا ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى تەڭ قەدەمدە قوزغاپ، زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولغان توققۇز بالا ئالداپ سېتىش جىنايەت شايكىسىنى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلىپ، 355 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى، ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارلىرىدىن تەن گۈيروڭ، خۇاڭ شىنگو قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن قولغا چۈشتى، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن 89 بالىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى ھەم يەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 2009-يىلى 4-ئايدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. كۆپ يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئارقىلىق، ئالداپ سېتىش جىنايىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈنۈملۈك توسۇلدى. لېكىن جىنايەت سادىر قىلىش مەنبەسى يەنىلا ئۈزۈل-كېسىل سۈپۈرۈپ تاشلانمىدى، سېتىۋېلىش بازىرىنىڭ ئېھتىياجى يەنىلا كۈچلۈك بولماقتا، قىسمەن جايلاردا ئالداپ سېتىش جىنايىتى يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا، ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، مەنزىلى يىراق.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالداپ سېتىش جىنايى ھەرىكىتىگە داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىپ، بىرمۇ جىنايەتچىنى قەتئىي توردىن چۈشۈرۈپ قويمايدۇ؛ نەدىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان بالىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن تېخىمۇ بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە