باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قىش كىرگەندىن بۇيان ئەڭ سوغۇق بولدى

2012.12.25 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

  كۈچلۈك سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى، ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي شىمالنىڭ كۆپ قىسمى، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې، خۇەيخې دەريا ۋادىسى، جەنۇبتىكى قىسىمەن رايونلاردا يېقىنقى ئىككى كۈندە قىش كىرگەندىن بۇيان ئەڭ سوغۇق ھاۋا رايى كۆرۈلدى، قىسىمەن جايلاردا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلدى.

  تۈنۈگۈن سەھەردە بېيجىڭ ھاۋا رايىنى كۆزىتىش ئىستانسىسى خاتىرىلىگەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 13.7 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھاۋا رايى 2008-يىلى 22-دېكابىردىكى نۆلدىن تۆۋەن 13.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما 12-ئايدا تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 1966-يىلى 27-دېكابىردىكى نۆلدىن تۆۋەن 18.3 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ھاۋا رايى تېخى كۆرۈلمىدى، ھاۋا رايىنى كۆزىتىشتىن ئايان بولىشىچە، 1-نويابىردىن 23-دېكابىرغىچە بېيجىڭ رايونىدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 1 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئادەتتىكى يىللارنىڭ شۇ مەزگىلى ۋە ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ئايرىم 1.9 سېلسىيە گىرادۇس ۋە 2.6 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەن بولغان، بۇ يېقىنقى 27 يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ تۆۋەن ھاۋا رايى.

  سوغۇق ئېقىم پەسەيگەندىن كېيىن جەنۇبتىكى رايونلاردا زور كۆلەملىك يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ، مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ شەرققە يۆتكىلىشى تەسىرىدە غەربىي جەنۇبىي رايونلارنىڭ شەرقى قىسمى، خۇاڭخې، خۈەيخې، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي، جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق رايونلاردا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن،26-دېكابىردىن باشلاپ، يامغۇر ئارىلاش قار دائىرىسى تېز كېڭىيىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە